باش بەت قىلىش پويىز ۋاقتىنى تەكشۇرۇش IP ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﻧﯘﻣﯩﺮﻯ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻳﺎﻧﻔﯘﻥ ﻧﯘﻣﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﻳﺮﯗﭘﯩﻼﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻫﺎﯞﺍﺭﺍﻳﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ
  • بلوگ ئارقىلىق پۇل تېپىش [يىتەكچى] - [googleئۇچۇرلېرى]

    خەتكۈچ:
        

    بىر قىسىم دوستلىرىمىز بلوگ ئارقىلىق جىق پۇل تاپقىلى بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ. بۇنداق كۆز قاراش خاتا، دەھشەت خاتا! جوڭگودا، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئىنتېرنېت ساھەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىزنىڭ بلوگ مۇھىتىمىز ياخشى ئەمەس، بلوگنىڭ پۈتۈن ساھەدە ئوينىغان رولى يۇقۇرى ئەمەس، يەنە كېلىپ ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئاساسى جەھەتتىن باشقا مىللەت ۋە چەتئەلنىڭ بلوگلىرىدىن تەرجىمە قىلىش، چاپلاپ ئېلىپ كېلىش دىگەندەك ۋاستىلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلماقتا. بىر ئىلىم-پەن، مائارىپ ۋە باشقا كۆپ جەھەتلەردە باشقىلارنىڭ ئارقىدا قالغان مىللەتكە نىسبەتەن، بۇنداق بولۇپ قالغانغا ھازىرچە ئامال يوق... ...يۇقۇردا دىگەندەك، بلوگ مۇھىتىمىز ياخشى ئەمەس. شۇنداق تەقدىردىمۇ كۆپلىگەن دوستلىرىم بلوگلىرىغا ئېلان قۇيۇش ئارقىلىق ئازراق پۇل تېپىشنى ئويلايدۇ، كۆپىنچىلىرىمىز Google Adsense ئېلانىنى قويغان، ئۇنىڭدىن سىرت باشقا خىل ئېلانلار قويغانلارمۇ ئاز ئەمەس. تۆۋەندە مەن بىر نەچچە خىل بلوگ ئارقىلىق پۇل تاپىدىغان ۋاستىلەرنى ۋە دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى مىسالغا كەلتۈرەي. ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك شۇكى، مەن بۇ جەھەتتىكى كەسپى ئەمەس، بۇنىڭ ئارقىلىق دوستلارغا بۇ جەھەتتىكى ئاساسى بىلىملەرنى يەتكۈكۈزۈپ قويايلا دېدىم. باشلاي ئەمسە... ...  0. سىز راستىنلا بلوگ ئارقىلىق پۇل تاپاي دەمسىز؟ بۇنى ياخشى ئويلاغاندىن كېيىن ئاندىن داۋاملىق ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ  1. پۇل تېپىش ۋاستىلىرى نۆۋەتتە بلوگ ئارقىلىق پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىلىرى تۆۋەندىكىدەك: 1) ئېلان چىكىش، مەسىلەن Google Adsense.2) مالغا باھا بېرىش(软文).3) ئېلان نامايان قىلىش، مەسىلەن ئالى ماما (阿里妈妈广告).4) ھەركىتىڭىز بويىچە ھەق تۆلەش ئېلان (CPA, Cost-per-Action).5) Feed ئېلانى.6) ئۇلانما سېتىش. 7) تارماق ئېلانى (Affiliate Marketing, 联署广告)8) باشقىلار، مەسىلەن بولگغا قىستۇرما دېتال قوشۇش... ... 2. يۇقۇرقى ۋاستىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى 1) ئېلان چىكىش:بۇنىڭ ئارتۇقچىلىق، ئېلان مەزمۇنىنىڭ بلوگىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكى يۇقۇرى بولىدۇ. لېكىن ئۇيغۇر بلوگلىرىغا نىسبەتەن يەنە باشقىچە، قارىسام كۆپلىگەن بلوگلىرىمىزگە تۈركچە، ئەرەبچە ئېلانلار چىقىپ كەتكەن، بۇلارنىڭ ئۈنۈملىكى يۇقۇرى ئەمەس. يەنە بىر كەمچىلى، باھاسى يۇقۇرى ئەمەس. ساختىپەسلىك قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىنى چىكىۋەرسىڭىز، كېيىن ئېلان بەرمەسلىك نىسبىتى يۇقۇرى.2) مالغا باھا بېرىش(软文):باھاسى يۇقۇرى بولىدۇ. بلوگڭىزدا بىر مالغا باھا بېرىپ ئەسەر يازسىڭىز 50-100 يۈەن تاپالايسىز، بەلكىم ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ. لېكىن بۇنداق بلوگىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئېلان خارەكتىرىدىكى ئەسەرلەرنى بەك جىق يېزىۋەتسىڭىز، ئوقۇرمەنلەرنىڭ سانى ئازلاپ كېتىش ئېھتىمالى بار. ئۇيغۇر بلوگلىرىدا ھازىرغا قەدەر بۇنداق ئېلان ئىشلەتكەنلەرنى كۆرۈپ باقمىدىم تېخى.3) ئېلان نامايان قىلىش:بۇنداق ئېلان بلوگنىڭ زىيارەت سانىغا باغلىق. زىيارەت سانى جىق بولسا ئېلان باھاسىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ. لېكىن بۇنداق ئېلانلار ھازىر ئازلاپ كەتتى، چۈنكى ساختىپەسلىك قىلىدىغانلار ئاز ئەمەس!4) ھەركىتىڭىز بويىچە ھەق تۆلەش ئېلان (CPA, Cost-per-Action):بۇ خىل ئېلاننىڭ باھاسى تۆۋەن ئەمەس. قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۈنۈم كۆرۈلمەيدۇ، ئۇنى خېلى مەزگىل قويغاندىن كېيىن ئاندىن ئۈنۈمىنى كۆرۈسىز.5) Feed  ئېلانى:Feed  ئېلانىمۇ زىيارەت سانى، شۇنداقلا مۇشتەرى بولۇش سانىغا باغلىق. مەسىلەن Feedsky دىكى Feed  ئېلانى 1000 قېتىم كۆرۈلسە 5 يۈەن تاپالايسىز. شۇڭلاشقا، بلوگڭىزنىڭ مۇشتەرى بولۇش سانى تۆۋەن بولسا بۇ خىل ۋاستىنى ئىشلەتمەڭ. ئۇيغۇر بلوگنى يازىدىغانلار ئىككى توك-توك، تور چىقىدىغانلىرى Google Reader ياكى 抓虾 لارنىمۇ ئىشلىتىپ كەتمەيدۇ... ...6) ئۇلانما سېتىش:بلوگىڭىزنىڭ Page Rank يۇقۇرى بولسا، ئۇلانما سېتىشنى ئويلاشسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭدا خېلى پۇل تاپقانلار باركەن(باشقىلار، بىز ئەمەس). لېكىن خەتەرلىك يېرى، Google  سىزنىڭ ئۇلانما سېتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالسا PR  نى 0 گە تەڭشىۋىتىدۇ.7) تارماق ئېلانى (Affiliate Marketing, 联署广告):بۇ خىل ئېلان مۇرەككەپرەك. بلوگڭىزنىڭ ئوقۇرمىنى بۇ خىل ئېلاننى چىكىپ، شۇ تور بەتلەرگە كېرىپ تىزىملىتىپ دىگەنتەك بىر قاتار ھەركەتلەرنى قىلغاندىن كېيىن پۇل تاپالايسىز. ماز يېرى، بۇ ئېلان بەرگەن تور بەتلەر ئاساسى جەھەتتىن ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئورۇندۇماق ئاسان گەپ ئەمەس. 3. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتى 1) ھازىرقى ۋەزىيەتۋېتەن ئىچىدە ئېلان بىرلەشمىسى ئاز ئەمەس، لېكىن ئۇلارنىڭ ئېانلىرى كۆپىنچىسى بلوگغا قىزىقمايدۇ، Feedsky  دىن باشقا قالغانلىرى ئانچە داڭلىق ئەمەس. بىر چاغالاردا 抓虾 بلوگ يازغۇچى قۇبۇل قىلىپ پۇل تۆلەشىنى ئويلاشقان، كېيىن ئۇمۇ ئاقمىدى.چەتئەللەردىمۇ ئېلان بىرلەشمىلىرى خېلى كöپ،لېكىن ئۇلار جوڭگودىكى بلوگلارغا ئانچە قىزىقمايدۇ.2) پۇل سېلىش ۋاستىلىرى:ۋەتەن ئىچىدە ئېلان بىرلەشمىلىرى 网银 ياكى 支付宝 ئارقىلىق پۇل سالىدۇ. ئۇلارغا بىجىرىش ھەققى كەتمەيدۇ.چەتئەلدە بولسا Paypal ، بۇنىڭغا سىزنىڭ بىر خەلقئارالىق بانكا نۇمۇرىڭىز بولۇش كېرەك، يەنە كىلىپ Paypal ئارقىلىق نەق پۇل ئېلىش ئۈچۈن بىجىرىش ھەققى كېتىدۇ. 3) ئېلان مەزمۇنى: ۋەتەن ئىچىدە كۆپ ئېلانلارنىڭ مەزمۇنى ئەمەلىيەتتە بلوگغا ماس كەلمىگەن، مەسىلەن "دوختۇرخانا، 6 سانلىق QQ  نۇمۇر..."چەتئەلنىڭ ئېلان مەزمۇنلىرى ياخشى، لېكىن شۇنىسى ئۇلار ئىنگلىزچە. ئىنگلىزچىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوللىنىدىغانلار يەنىلا ئىنتايىن ئاز.  

    4. بېتكەت سۈپىتىكە تەسىر كۆرسىتىش

     1) ئېلان سانى ئېلاننىڭ سانى كۆپ بولسىلا جىق پۇل تاپقىلى بولىدۇ دىگەن كۆز قاراش خاتا. ئېلان سانىنى كونترول قىلىش كېرەك، بولمىسا ئوقۇرمەنلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.2) ئېچىلىش سۈرئىتى بۇ يەردىكى سۈرئەت ئېلاننىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگە قارىتىلغان. مەسىلەن، Feedsky  نىڭ بەزى ئېلانلىرى بەزىبىر ئالىي مەكتەپ مائارىپ تورىدا ئېچىلمايدۇ، بۇنى ئويلۇشۇپ قويۇڭ. يەنە كېلىپ ۋەتەن ئىچىدە چەتئەلنىڭ بەزى ئېلانلىرىمۇ ئېچىلمايدۇ. ئېچىلمايدىغان ئېلانلار بېكەت سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 5. قۇتۇلاماي قالماڭ بەزى ئېلان بىرلەشمىلىرى باركى، ئۇلار پۇل ئېلىش چىكىنى بېكىتكەن، بۇ چەككە(مەسىلەن 100 يۈەن) يەتمىگەن پۇل ئالالمايسىز. يېڭىدىن ئېلاننى قويغۇنىڭىزدا ئانچە-مۇنچە پۇل كېرىپ تۇرىدۇ، كېيىن پۇلنىڭ ئۆسمىكى بەك تەس، بەلكىم كۈنىگە نەچچە پۇڭ، ياكى بولمىسا 0!بۇ چاغدا ئېلاننى ساقلاپ قىلىش ياكى تاشلىۋىتىش توغرىسىدا ئويلىنىسىز... تاشلاي دېسىڭىز، ئىچىگە ئازراق پۇل كىرگەن؛ تاشلىماي دېسىڭىز، پۇل ئېلىش چېكىگە يەتكۈچىلىك نەۋرىمىزمۇ تۇغۇلۇپ بولغۇدەك... ...مانا، بۇ ھېساپتا سىزنىڭ قالماققا چۈشكەنلىكىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. پۇلنىڭ ئۆسۈشى تەخمىنەن 0 گە تەڭ، يەنە كېلىپ باشقىلارنىڭ ئېلانىنى بلوگىڭىزدە قويۇپ بېرىڭ. قانداق دىگەن گەپ بۇ؟!بۇ چاغدا چوقۇم كەسكىن ھالدا ئېلاننى چۈشۈۋېتىڭ. بىر دەرەخگە ئېسىلىپ ئۆلەپ قالماڭ! 6. ئوقۇرمەنلىرىڭىزنى ئەھۋالىنى بىلىڭ بلوگ ئېلانى ئارقىلىق پۇل تاپماقچى بولغانلار، ئېلانلىرى چوقۇم قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولۇش كېرەك. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق زىيارەت سانىنى پۇلغا ئايلاندۇرۇش نىسىبىتى يۇقۇرلايدۇ. دىمەكچىمەنكى، زىيارەتچى يەنى ئوقۇرمەنلىرىڭىزنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلىڭ. ئۇلار قىزمۇ-ئوغۇلمۇ، كەسپى نىمە، قانچە ياشلار ئەتراپىدا، ئېيىغا قانچە پۇل تاپىدۇ، نىمىگە قىزىقىدۇ، نەلەردە تۇرىدۇ؟... دىگەندەك. 7. ئېلاننىڭ ئورنى  ئېلاننىڭ ئورنى ھەرگىزمۇ يازما ئوقۇشغا تەسىر يەتمىسۇن، بۇ ئىنتايىن مۇھىم. جوڭگودىكى جىق چۈشۈرۈش بېكەتلىرى ئىنتايىن لاۋزىكى، ئۇلار دائىم مۇنداق ئىشنى قىلىدۇ

    ھەرگىزمۇ مۇنداق ئىش قىلمايلى. 8. ئېلاننىڭ چىكىش

    ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇڭ  قويغان ئېلانىڭىزنىڭ چىكىش ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇڭ. مۇلاھىزە ئېلىپ تۇرۇڭ. مەسىلەن، Google Adsense دە، 渠道 دىن بىرنى قۇرۇڭ، شۇ ئارقىلىق ئېلاننىڭ ئۈنۈمىنى بىلەلەيسىز. بەزى چاغلاردا قايسى ئېلاننىڭ ئەڭ جىق چىكىلگەنلىكىنى بىلىشڭىز كېرەك. 
    9.خۇلاسە

     بلوگدا پۇل تېپىش ئاڭلىماققا ئاسان، ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن تەس. ئۇيغۇر بلوگلىرىغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭلاشقا بلوگ يېزىشتىكى پىرىنسىپىڭىز ئېنىق بولسۇن، راستىنلا پۇل تېپىش نىيىتىڭىز بولسا، يازما مەزمۇنى، بلوگ كۆرۈنۈشى ۋە يۇقۇردا دىگەن بىر مۇنچە ئىشلارنى ئويلىشىڭىز كېرەك، بولمىسا ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ. بلوگ يېزىشتىكى ئاساسلىق مەقسەت ئۇچۇر يەتكۈزۈشتۇر، ئۇ ئۇيۇن-تاماشا ئەمەس ۋە ياكى مودىغا قوغلۇشۇش ئەمەس، ئىدىيىڭىز ئېنىق بولسۇن.

    ئەڭ ئاخىردا دەيدىغىنىم، بلوگ قۇرغاندىن كېيىن ئاز تولا كۆڭۈل قويۇڭ ئۇنىڭغا. دوستلار، سىلەرگە ئامەت

    http://derya.blogbus.com                 مەنبە: