تاۋباۋدا تور سودىسى قىلىش دەرسلىكى
تاۋباۋ (淘宝) بولسا دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ بولغان
تور ئارقىلىق سودا ئېلىپ بېرىلىدىغان سودا
تور پونكىتى بولۇپ ئىشەنچلىك سودا مەيدانى ھېسابلىنىدۇ.نۆۋەتتە رايونىمىز شىنجەڭدا كومپىيۇتىرمۇ تېخى ئپمۇملىشىپ بولمىغان ۋاقىتتا
تور سودىسى ھەققىدىكى ساۋاتلارنى بىلىدىغان كىشىلىرىمىز ساناقلىقلا ،ئويغۇر سودىگەرلىرىمىز ۋە سېتىۋالغۇچىلىرىمىز ئىچىدە ھەقىقى
تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ باققان ۋە شۇغۇللىۋاتقانلار بولسا .........ئويغۇر سودىگەرلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بۇ جەھەتتە مېنىڭچە ساۋادى يوق دىيەرلىك .بازاردىكى مال باھاسى دۇكان ئىجارىسى،ھەرخىل باج،باشقۇرۇش
پۇلى..دىگەندەك ھەقلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بۇ
تور مەيدانىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن كۆپ پەرق ئېتىدۇ.
توردىن سېتىۋالغاندا ئىشەنچلىك ۋە ئەرزان سېتىۋالغالى بولىدۇ
موشۇ نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتۇپ تاۋباۋ (淘宝)غا قانداق تىزىملىتىش ،قايسى مەشخۇلاتلارنى ئورۇنداش ،كىرىم چىقىم ساندۇقىدىن قانداق پايدىلىنىش ،مالنى قانداق سېتىۋىلىش ھەققىدىكى مەزمۇنلار بويىچە تۆۋەندىكى
رەسىملىك دەرسلىكنى تۈزۈپ چىقتىم.بىلىدىغانلار مازاق قىلمىساڭلار ،خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا تۈزىتىش بېرىشىڭلارنى ،بىلمەيدىغانلارنىڭ مۇناسىۋەتسىز مۇنازىرە قىلماي مۇۋاپىق پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
1.تاۋباۋ (淘宝)تور بېتىنى ئېچىش . تور ئادرىسى :
www.taobao.com
2.تاۋباۋ (淘宝)غا تىزىملىتىش تاۋباۋغا كىرىپ مال سېتىۋىلىشنى مۇقىملاشتا تىزىملاتمىغان بولسا مۇقىملاشتۇرغىلى بولمايدۇ)


3.تاۋباۋ (淘宝)غا كىرىش:

4.سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلاتنى
ئىزدەش:


5.ئىزدەپ تاپقاندىن كېيىن مەھسۇلاتنى كۆرۈش


6.تاۋارنى سېتىۋىۋالماقچى بولغاندا تاۋباۋنىڭ ئالاقىلىشىش قورالى 阿里王王 ئارقىلىق (QQ غا ئوخشاپ كېتىدۇ)مال ئېگىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇقىملاشتۇرۇڭ.كىلىشەلمىسىڭىز قايتىدىن ئىزدەڭ. سېتىۋىلىشنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن رەسىمدىكى كۆرسەتمە بويىچە بېسىڭ ۋە داۋاملاشتۇرۇڭ.

7.بۇلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ياكى تاۋباۋغا تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن 支付宝(كىرىم چىقىم ساندۇقى دەپ تەرجىمە قىلىپ تۇردۇم)ئىلتىماس قىلىش كېرەك. پۇلغ مۇناسىۋەتلىك سودا دەل موشۇ جايدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.سىز مال سېتىۋىلىشنى مۇقىملاشتۇرۇش
ئۇچۇرىنى يوللىغاندىن كېيىن支付宝غا پۇل قاچىلاپ يەتتە
كۈن ئىچىدە پۇلنى 支付宝نىڭ ئىچىدە تۇرۇپ سىز مال سېتىۋالماقچى بولغان ئادەمنىڭ 支付宝سىغا يوللايسىز،ئەگەر يەتتە
كۈن ئىچىدە يوللىمىسىڭىز تاۋباۋ سىزنى ۋەدىسىدە تۇرمىغانلار قاتارىدا چەكلەپ ھىچقانداق مەسخۇلات قىلالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.بۇنىڭ بىلەن سىز نوپۇس ۋە كىملىكىڭىزدىكى ئىسىن فا
مىڭىزنى باشقا ئىسىمغا يۆتكىۋىتىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ،چۈنكى سىز چەكلەنگەن ئىسىم ۋە كىملىك نومۇرى بىلەن يەنە
بىر قېتىم يېڭىدىن تىزىملاتقان بولسىڭىزمۇ بەرى
بىر ئۋلىپ ساتالمايسىز. سىز ئەۋەتكەن پۇل ئودۇللا مال ئېگىسىگە يىتىپ بارمايدۇ،ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۇل سىز بىلەن قارشى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىچى alipay دا ساقلىنىپ تۇرىدۇ ،alipay پڭلنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن مال ئېگىسىگە مالنى ئەۋەتىش توغرىسىدا ۋە مال ئەۋەتىش تالونىنى سىكاننىىرلاپ ئەۋەتىپ بېرىش توغرىسىدا
ئۇچۇر قىلىدۇ.مال سىزنىڭ قولىڭىزغا تەگكەن
كۈندىن باشلاپ (پوچتاخاتىرىسى ئاساس قىلىنىدۇ)15
كۈن ئىچىدە alipayغا مالنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ،يارىغانلىق ياكى مالدا مەسىلە بولسا مەسىلىنى ۋاىتىدا يوللىشى لازىم.شۇڭا مالنى تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىتتا چوقۇم تەپسلىي ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ ئېلىش ،پوچتا يەتكۈزۈش جەريانىدا مەسىلە چىققان بولسا پوچتا خادىمىدىن تاپشۇرۇۋىلىشنى رەت قىلىش لازىم.مالدا مەسىلە بولسۇن ياكى بولمىسۇن 15
كۈن ئىچىدە سىزدىنalipay ھىچقانداق خەۋەر ئالالمىسا رازى بولغانلىق دەوپ قارىلىپ مال ئېگىسىگە پۇل ئەۋەتىۋى
تىلىدۇ.
تور ئادرىسى:
https://www.alipay.com/تىزىملىتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك :ئابونت نامى چوقۇم ئېمائىل شەكلىدە بولۇشى ھەمدە شۇ ئېمائىل سىز نىڭ ،ئاچالايدىغان ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.支付密码بولسا سىزتور سودىسى قىلىپ كىرىم چىقىم قىلغان ۋاقىتتا لازىم بولىدۇ.


8. 支付宝غا كىرىش:


9.支付宝غا پۇل قاچىلاش:

10.تۆۋەندىكى رەسىمدىكى پۇل تۆلەشكە كىرىپ مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى تولدۇرغاندىن كېيىن پۇل تۆلەڭ

11.我的淘宝 نى تەكشۈرۈش ،مال تاپشۇرۇۋىلىشنى كۈتۈش

12مالنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 15كۈن ئىچىدە مال يارىغان بولسا يارىغانلىق ئۇچۇرى يوللاش، يارىمىغان بولسا مال قايتۇرۇش رەسمىيىتى ئۆتەش.
评论
چۈشەندۈرۈپسىز سىز نىڭ تىرىشجانلىقىڭىزغا ۋا ئىجابىيلىغىڭىز غا قول قويدۈم