-
ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيە ھەربى قۇرۇلمىسى - [ئاۋات تىمىلار]
1946 -يىلى 6- ئايدا شىنجاڭدا تىنىچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ، دېمۇكىراتىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى سۆھبەت ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ 26 -ئىيۇن كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى << 11 ماددىلىق تىنىچلىق بىتىم >> ىگە ئىمزا قويدى .شونۇڭ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيەسى قەغەز يۈزىدە شىنجاڭدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەركىبىگە كىزگۈزۈلۈپ ماناس بويىدىن چېكىندۈرىلدى . ئارمىيەدە چوڭ تەرتىپكە سېلىش يۈرگۈزۈلدى . سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن يۇقۇرى دەرىجىلىك روس ئوفىسىرلار ۋە قازاق ،قىرغىز ، ئۆزبېك ، تاتارلاردىن چىققان مۇھىم شەخىسلەر ، مەسلەھەتچىلەر ئاساسى جەھەتتىن ئۆز ۋەتىنىگە قايتتى . بەزى ئېھتىياجلىق كىشىلەر << يەرلىك كىشىلەر >> دېگەن نامى بىلەن قالدۇرۇلۇپ مۇھىم ئورۇنلارغا قويۇلدى .
1946-يىلى 7- ئايدىن باشلاپ بىتىم روھى بويىچە ئارمىيىدە چوڭ رەتلەش يۈرگۈزۈلۈپ، قىسىملار ئىخچاملىنىپ ئەسكىرى خادىملار قىسقارتىلدى .بۇ رەتلەشتىن كېيىنكى مىللى ئارمىيە ھەربى قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكىچە بولدى :
باش قۇماندانلىق شىتاب
باش قۇماندانلىق شىتابى ئادەتتە << گېنىرال شىتاب >> دەپ ئاتىلاتتى .بۇنۇڭدا 246 نەپەر ئوفىسىر خىزمەت قىلاتتى .
باش قۇماندان : گېنىرال لېيىتنات ئىسقاقبەك مۇنۇنۇۋ .
باش قۇماندان ئورۇن باسارى : گېنىرال مايۇر دەلىلقان سۇگۇربايۇۋ .
كۇمىسسارى : ئابدۇرېھىم ھەسەنۇۋ .
سىياسى بۆلۈم باشلىقى : نۇر سادىرۋ ، زاير ساۋدانۇۋ .
باش قۇماندان شىتابىغا قارايدىغان ئورگانلار :
1 . باش شىتاب ئالاقە - قاتناش ئىسكادىرۇنى ، 106 كىشى .
2 . مۇھاپىزەتچىلەر ئىسكادىرۇنى 280 كىشى ، كوماندىرى مىجىت .
3 . تەمىنات باشقارمىسى ، 553 كىشى ، باشلىقى رەسۇلۇۋ .
4 . ھەربى گوسپىتال 119 كىشى ، باشلىقى نەسىمجان .
5 . قاراۋۇل باتالىئونى ، 496 كىشى ، كوماندىرى ۋالىنۇۋ .
6 . قاراۋۇل باتالىئونى ، 1351 كىشى ، كوماندىرى ئابدۇرېھىم سامساق .
شىتاب باشلىقى : ياۋكەي ، كومۇسسارى سادىقوۋ .
سىياسى بۆلۈم باشلىقى : توختى ئىبراھىمۇۋ .
7 . قاراۋۇل روتا 88 كىشى ، روتا كوماندىرى نۇرتايوۋ ھاجى .
8 . بايانداي ھەربى مەكتەپ ، 161 كىشى ، مەكتەپ مۇدىرى تۇردىيۇۋ .
مۇئاۋىنى ئەسەن جۇنۇس ئوغلى .
جەمئى 2400 كىشى .
پولىكلار
1 . شىخۇ پىيادىلەر 1- پولىكى 1837 كىشى .
كوماندىرى مەرغۇپ ئىسھاقۇۋ .
كومىسسارى قېيۇم مۇسايۇۋ .
2 . غۇلجا پىيادىلەر 2- پولىكى ئورنى يەنسىخەيدە 1989 كىشى .
كوماندىرى ئايتۇرغان .
كومىسسارى ئومارۇۋ .
3 . قۇبۇقسار 2- ئاتلىق پولىكى ئورنى دۆربىلجىندە 1163 كىشى .
كوماندىرى نۇسۇپقان كۇنبايۇۋ .
ئورۇنباسار كوماندىرى جاغدا بابالىكوۋ.
كومىسسارى قازىقان ماناسبايۇۋ .
شىتاب باشلىقى سالاھىدىن سىدىقۇۋ .
4 . ساۋەن ئاتلىق پولىكى ، ئورنى ساۋەندە 1108 كىشى .
كوماندىرى ئىمىنوۋ .
كومىسسارى ئابلىز رەخىموۋ .
شىتاب باشلىقى گىمادىيۇۋ مالىك .
5 . زەمبىرەكچىلەر ئەترىتى ، ئورنى يەنسىخەيدە 323 كىشى .
كوماندىرى ئەسقاتتايۇۋ .
كومىسسارى موسايۇۋ .
شىتاب باشلىقى سۇلتانغەلى .
سىياسى بۆلۈم مۇدىرى سامساق .
6 . ماتۇرلۇق روتا 266 كىشى .
كوماندىرى پوربىيۇۋ.
7 . شىخۇ ھەربى گوسپىتال 27 كىشى ، باشلىقى راشات قايبۇلىن .
8 . تېكەس ئاتىلىق پولك1037 كىشى .
كوماندىرى خەمىت ئەلىيۇۋ ، كومىسسارى قۇربانۇۋ .
شىتاب باشلىقى ئامانوۋ ، سىياسى بۆلۈم مۇدىرى ماماتۇۋ قۇربان .
9 . شوتا ئاتلىق پولك ، ئورنى شوتىدا 1178 كىشى .
كوماندىرى ئىسىتەمەسۇۋ بىلال .
10 . سارسۇمبە ئاتلىق 3- پولك ، ئورنى سارسۇمبە لاگىرىدا < ھازىرقى ئالتاي شەھرى > 1225 كىشى .
كوماندىرى دەلىلقان سۇگۇربايۇۋ .
كومىسارى كاكىم .
11 . تارباغاتاي 4- ئاتىلىق پولك 1315 كىشى .
كوماندىرى سىتودىنىكوۋ .
كومىسسارى باۋۇدۇن نۇر .
شىمالى ھەربي شىتاب .
شىمالىي ھەربىي شىتابىنى < گېنىرال شىتابىي > دەپمۇ ئاتاتتى .
قۇماندانى : گېنىرال مايۇر دەلىلقان سۇگۇربايۇۋ .
1 . سارسۇمبە 6- قاراۋۇل ئىسكادىرۇن .
كوماندىرى قاسىمۇۋ ئابلاجان .
كومىسسارى توختى .
شىتاب باشلىقى نۇرەخمەت .
2 . سارسۇمبە ھەربىي گوسپىتال .
باشلىقى ئەخەت .
سارسۇمبە ئاتلىق پولىكى بىلەن تارباغاتاي 4-پولىكى شىمالىي ھەربىي شىتابقا بۇيسۇناتتى . شۇ چاغدا شىمالىي گېنىرال شىتابىنىڭ قارمىقىدا 2979 ئوفىتسىر -جەڭچى بار ئىدى . موڭغۇل ئاتلىق دىۋىزىئون 1945 -يىلى پولك ئىدى .
كوماندىرى ئىردە .
كومىسسارى ئىمىنوۋ توختى .
تارباغاتاي قاراۋۇل ئىسكادىرۇنى 144 كىشى .
كوماندىرى خەمىت .
شۇنداق قىلىپ 1946-يىلى ئېيۇل ئېيىدىن 1949-يىلنىڭ يانۋار ئېيىغىچە مىللى ئارمىيىدە 14 مىڭ 690 كىشى بار ئىدى .مەنبە: http://bbs1.qakqak.com历史上的今天:
موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىكى ئۇيغۇر ﻗﯘﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻼﺭ 2008-10-22ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ, ﺑﯩﯖﺘﯜﻩﻥ 2008-10-22خوجىنىياز ھاجىم ۋە سابىت داموللام 2008-10-22شەيتان ھەزەتلىرىدىن يارلىق 2008-10-22شىڭشىسەينىڭ لىيۇ داۋەنگەجايلاشقان تۈرمىسى 2008-10-22



评论