باش بەت قىلىش پويىز ۋاقتىنى تەكشۇرۇش IP ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﻧﯘﻣﯩﺮﻯ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻳﺎﻧﻔﯘﻥ ﻧﯘﻣﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﻳﺮﯗﭘﯩﻼﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻫﺎﯞﺍﺭﺍﻳﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ
  • خوجىنىياز ھاجىم ۋە سابىت داموللام

    خەتكۈچ:

    - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دىيارىمىز شىنجاڭ ،ھەقىقەتەن كۆپ-خىل كۈچلەرنىڭ ھوقوق تالىشىش مەيدانىغا ئايلانغان .بولۇپمۇ بۇلاردىن گەۋدىلىكرەكلىرى ،خوجىنىياز ھاجىم ،سابىت داموللا ۋە شىڭشىسەي ،ماجوڭيىڭ ،ۋە ئۇلارنىڭ گۇماشتىلىرى بولغان بىر قىسىم چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى بولۇپ ، ھەممىسى ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا نۇرغۇن ھەركەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
    شىڭشىسەي دىن ئىبارەت بۇ شەخىسنى تارىخچىلار سەلبى نۇقتىدىن ئىزاھلاپ كەلدى ،بىراق ئىزچىل تىنجىماي كېلىۋاتقان بۇ زىمىنغا نېسبەتەن ئۇنىڭ قولىدىن كېلىدىغانلىكى بارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ۋەتەننىڭ پۈتۈنلىگىنى قوغداپ قالغانلىقى ،ئەڭ مۇھىم توھپىسىدۇر .ئۇنىڭ ماجوڭيىڭدىن پەرىقلىنىدىغان مۇھىم نۇقتىسى دەل مۇشۇ ۋەتەنپەرۋەرلىگىدۇر  .ئۇنىڭ  يالغاندىن كومىنىست ياكى ئاقارتقۇچى بولىۋېلىشى ياكى گومىنداڭچى بولىۋېلىشى پەقەت  كۆپ خىل كۈچلەر گىرەلىشىپ تۇرغان،خەۋپ-خەتەر كۈچەيگەن  شىنجاڭنى قولدا مەھكەم تۇتىشتىكى ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىدى.
    ماجوڭيىڭ بولسا سېپى ئۆزىدىن بىر لۈكچەك ،مەنپەئەت پەرەس  بولۇپ ،ئۇنىڭدا جەڭ سەنئىتى بولسىمۇ ،ئەمما يىراقنى كۆرەرلىك يوق ،قەھرىمانلىق بولسىمۇ ،ۋەتەن ،مىللەت ئۇقىمى يوق .ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلشىمۇ پەقەت ناپولېئوننىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغىنىدەكلا مەخسەت ئۈچۈندۇر خالاس.ئۇ پەقەت بىر ئەخمەقلەرچە رىئاللىقتىن ھالقىغان خام –خىيالنىڭ قۇلى خالاس .
    خوجىنىياز ھاجىم ۋە سابىت داموللام
    خوجىنىياز ھاجىم ،ھازىرقى تارىخچىلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر مۇرەككەپ شەخس .ئۇنىڭ گومىنداڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى پۈتۈن شىنجاڭغا كېڭەيگەن دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باشلاپ چىقىشى،يېقىنقى زامان شىنجاڭ تارىخىغا نېسبەتەن كۆلەم جەھەتتە چوڭ سالماقنى ئىگەللەيدۇ ،خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى ئىچىدە بۆلگۈنچى ھاكىمىيەت  ش ت ى جۇمھۇرىيىتىنى تارقىتىۋېتىش ۋە  ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى سابىت داموللامنى قولغا ئېلىش ۋەقەسى،ھەقىقى تارىختىن خەۋىرى يوق كۆپلىگەن كىشىلەر ئۈچۈن بۇ شەخسنىڭ خاراكتىرىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتكەن .
    خوجىنىياز ھاجىمنىڭ سابىت داموللىنى قولغا ئېلىش ھەركىتى ئەمەلىيەتتە ،ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ھۆكۈمىتى ،ماجۇڭيىڭ ۋە شىڭشىسەي قىسىملىرىنىڭ قورشاۋىدىن قۇتۇلۇش،ۋە ئۆز قوشۇنىنىڭ ئەسلىگە كېلىۋېلىشى ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈش خىيالىدا ۋاقىتلىق مەخسەتتە ئوينىغان ئويىنى بولۇپ،بۇ ئويۇننىڭ ھەقىقى مەخسىتىنى شۇ ۋاقىتتا سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن شىڭشىسەي بايقىۋالغان .
    بۇنى قانداق بىلىۋالغان ؟ 
    بىرىنچىدىن،خوجىنىياز ھاجىم ئوڭۇشسىز شارائىتتا قالغان چاغدىلا شىڭشىسەي بىلەن يارىشىش ئويىغا كەلگەن ،بۇنداق چاغدىكى ئىتىپاقلىق ھەقىقى ئىتىپاقلىق بولالمايدۇ .بۇنى سوۋېت ھۆكۈمىتى ئوبدان بىلىدۇ .ۋە ئۇنىڭ سەمىمىيىتىدىن ئىزچىل گۇمانلىنىدۇ .ھەتتاكى ش ت ى جۇمھۇرىيىتىنى تارقىتىۋېتىش ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى قولغا ئېلىش تەك سوۋغىسىدىنمۇ  گۇمانلىنىدۇ .
    ئىككىنچىدىن ،مۇھىم بىر نۇقتا خوجىنىياز قىسىملىرى ئۈرۈمچىگە قايتىش يولىدا ماجوڭيىڭ قىسىملىرىنىڭ  تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. ،ئەشۇ قالايمىقانچىلىقتا سابىت داموللاملار قوشۇندىن چۈشۈپ قالىدۇ . ئۇلار قوشۇندىن ئايرىلىپ ،شۇ جايدىكى بىر كەنتتە بىر ھەپتە ئەتراپىدا تۇرۇپ قالىدۇ ،ئەسلىدە قولغا ئېلىنغان سىياسى جىنايەتچى  ئۈچۈن بۇ قالايمىقانچىلىق قېچىپ كېتىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولسىمۇ ئەمما ئۆزلىرىنىڭ يىراق نىشانى ئۈچۈن سابىت داموللام قېچىپ كەتمەيدۇ .بەلكىم خوجىنىياز ھاجى قىسىملىرىنى ئىزدەپ ،ئۇلار بىلەن ئۇچىرشىدۇ.ۋە ئۈرۈمچىگە بىللە بارىدۇ.بۇ قېتىمقى ۋەقەندىن ئۆزىنىڭ قۇلاقلىرى ئارقىلىق خەۋەر تاپقان شىڭشىسەي ۋە سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى ئادەمنىڭ مەخسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر ئىكەنلىگىنى تېخىمۇ جەزىملەشتۈرىدۇ ..خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئوڭۇشسىز پۇرسەتتىن قۇتۇلىۋالغاندىن كېيىن يەنە نىمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتكەن سوۋېت ھۆكۈمىتى ۋە شىڭشىسەي ،ئۇنىڭ مەخسىتىگە يېتىشىگە يول قويمايدۇ .
    مەركىزى ھۆكۈمەتمۇ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا رەئىس بولغان بۇ ئادەمنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى بىلىپ يېتىپ ئۇنى بۆلگۈنچى دەپ ھېساپلايدۇ